رەفاھ چېگرا ئېغىزى تاقالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ تاقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جېنس لائېركېنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ رەفاھ شەھىرىنى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئارقىلىق قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقى سەۋەبلىك، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپتىن تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى.
لائېركې بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىنىڭ ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ كونتروللۇقى ھازىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا. شۇڭا، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىنسانلارنىڭ ئۆتۈشىگە ۋە ئاشلىق يۆتكەشكە تاقىۋېتىلدى.كېرەم ئەبۇ سالىم (شالوم) چېگرا ئېغىزىمۇ تاقالدى. بۇ غەززەنى مۇھىم ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىككى ئاساسلىق قان تومۇرنىڭ تاقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ تاقىلىشى ۋە رەفاھقا قارىتىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنىڭ غەززە رايونىدىكى پۇقرالار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلمايۋاتىدۇ. غەززە رايونىغا يېقىلغۇ كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاپتوموبىللار، ئۇچۇر - ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ۋە گېنېراتورلار خەتەر ئاستىدا قالدى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئۇكرائىنا ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئۇكرائىنا دونېتسىك رايونىدا رۇسىيەگە تەۋە Su-25 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.
ئىسرائىلىيە خەلقى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە خەلقى (18 – ماي) شەنبە كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.