شى جىنپىڭ ياۋروپانىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋروپا رەھبەرلىرىگە بىر تەرەپتىن، تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقى سىگنالىنى بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سانائەتتە «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىش» توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

2136440
شى جىنپىڭ ياۋروپانىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە زىيارىتىدە پىرېزىدېنت ماكرون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە دۇنيانىڭ «داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش» نىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ ئىككى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر-بىرىنى شېرىك دەپ بىلىشى، دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇشى، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نۇقتىدىن قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى مۇھىم شېرىك، مۇناسىۋەتلىرىنى بولسا «خىتاي خاراكتېرى بىلەن بۈيۈك دۆلەت دىپلوماتىيەسى» نىڭ مۇھىم ئۆلچىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خىتاينىڭ يېڭى ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەت شارائىتلىرى ئاستىدا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بەرپا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېشىل ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشىگە تۆھپە قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ ئاتالمىش <ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىشى> دېگەن مەسىلە، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك تەلەپ نۇقتىسىدىن يوق نەرسە.»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون: «بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارالىق ۋەزىيەت ھالقىلىق ئەھۋالدا تۇرماقتا. فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشىلىشى كېرەك. چۈنكى ياۋروپانىڭ كەلگۈسى بۇنىڭغا باغلىق» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى فوندېرلېيېن كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ توكلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پولات-تۆمۈر سانائىتىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىمانىڭ، ياۋروپا سانائىتىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىپ، «ياۋروپانىڭ سانائەتتىن ئايرىلىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «دۇنيا خىتاينىڭ ئېشىنچا مەھسۇلاتلىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر