ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تاغ كۆچكىنى جانغا زامىن بولدى
ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن تاغ كۆچكىنىدە 3 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1424973
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەزنە ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ۋاھىدۇللاھ جۇمازادەھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەزنە ۋىلايىتىنىڭ مالىستان ناھىيەسىنىڭ گايگانتۇ يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن تاغ كۆچكىنى ئاپىتىدە بىر ئائىلىدىن 3 كىشى قازا قىلغان، بىرقانچە ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.