ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى قۇربانلىرى ئۈچۈن ماتەم ئېلان قىلىنىدۇ

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 334 مىڭ 997 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىليون 214 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 94 مىڭدىن ئاشتى.

1421777
ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى قۇربانلىرى ئۈچۈن ماتەم ئېلان قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم ۋە يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن دۆلەت بولۇپ قالدى. ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 96 مىڭ 354 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىليون 621 مىڭ 196 كىشى يۇقۇملاندى.

پىرېزىدېنت ترامپ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن دۆلەتتە ئۈچ كۈن بويىچە ماتەم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە بايراقلارنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق دولقۇنى يۈز بەرگەن ئەھۋالدا دۆلەت ئىقتىسادىنى توختىتالمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ۋابا مۇساپىسىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكلىرىنى، كېيىنكى ۋابا دولقۇنلىرىغا ئىنتايىن پۇختا تەييارلىق قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 156 كىشى ئېشىپ 32 مىڭ 486 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار 228 مىڭ ئالتىگە تۆۋەنلىدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 83 كىشى ئېشىپ 28 مىڭ 215 كە، يۇقۇملانغانلار 181 مىڭ 826 گە چىقتى.

ئىسپانىيەدە بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 48 كىشى ئېشىپ 27 مىڭ 940 قا چىقتى. بەش كۈندىن بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 100 نىڭ ئاستىغا چۈشتى. ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە 344 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا، كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «توغرىلاش مەسىلىسى» سەۋەبىدىن رايوندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزمىدى.

ئىسپانىيە بىلىم ۋە يېڭىلىق يارىتىش مىنىستىرى پېدرو دۇكې (Pedro Duque) ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسېناسىنى ياساش تەتقىقاتلىرى دائىرىسىدە، بۇ يىل كۈزدە كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە سىناق قىلىشنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى بولغان مېكسىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 6 مىڭ 510 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 59 مىڭ 567 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەنگلىيە 36 مىڭ 42، بىرازىلىيە 20 مىڭ 47، بېلگىيە 9 مىڭ 212، گېرمانىيە 8 مىڭ 309، كانادا 6 مىڭ 152، گوللاندىيە 5 مىڭ 775، شىۋېتسىيە 3 مىڭ 871، پېرۇ 3 مىڭ 148، ئېكۋادور 2 مىڭ 939، شىۋېيتسارىيە 1 مىڭ 898، ئېرىلاندىيە 1 مىڭ 583، پورتۇگالىيە 1 مىڭ 277، پولشا 972، چىلى 589 ۋە بېلارۇسىيە 185.

بىرازىلىيەدە نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە كەمبەغەللىك سەۋەبلىرىدىن باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. رەسمىي ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى قۇربانلىرىنىڭ %69 ى ئاتمىش ياشتىن يۇقىرى ئىكەن. 2020-يىلى ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا %19 بولغان 60 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ نىسبىتى، بۇ ھەپتە %31 گە ئۆرلىگەن.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر