ئەنگلىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى سىناق قىلىشنى باشلىدى

ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) قارشى ياسالغان بىر ۋاكسىنىنى ئىنسانلار ئۈستىدە سىناق قىلىشقا باشلىدى.

1404400
ئەنگلىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى سىناق قىلىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاكسىنا سىنىقى دەسلەپكى قەدەمدە 2 پىدائىي ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرىگە تەييارلانغان بولغۇسى كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى، يەنە بىرىگە كونترول قىلىش مەقسىتىدە مېڭە پەردە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئوكۇل قىلىپ سېلىنغان.

پىدائىيلار ئۆزىگە قايسى ۋاكسىنىنىڭ ئۇرۇلغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، بۇ ئۇچۇرلاردىن پەقەت پەرقنى تەكشۈرىدىغان دوختۇرلارلا ۋاقىپ بولىدىكەن.

«ChAdOx1» دەپ ئاتىلىدىغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى 3 ئاي ئىچىدە ياسالغان بولۇپ، شىمپەنزەدە زۇكام پەيدا قىلىدىغان ئادېنو ۋىرۇسىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان.

ۋاكسىنىنىڭ، ۋىرۇس ئىشلەپچىقىرىدىغان مىخ پىروتىنىغا چاپلىشىپ، ئۇنىڭ ھۈجەيرىلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئانتىبىئوتىكلارنى ھاسىل قىلىشى مەقسەت قىلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 تىن ئارتۇق دۆلەتتە تەتقىقاتچىلار، كوۋىد – 19 غا قارشى ۋاكسىنا تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر