جونسوننىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلدى
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلدى.
1394697
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مالىيە ئىشلىرى ۋەزىرى رىشى سۇناك، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلەەنلىكىنى، جۈملىدىن، ئۇنىڭ ياتاقتا ئولتۇرالايدىغان بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
5 – ئاپرېل كۈنى بالنېسقا ئېلىنغان جونسون، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائابقا، ئىچكى كابىنېت يىغىنلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ھوقۇقى بەرگەنىدى.