ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تېببىي لازىمەتلىك ياردىمى قىلغان خىتايدىن «مىننەتدار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1380847
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن تىۋىتتېردا ۋىدېئولۇق ئۇچۇر تارقىتىپ، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

لى كېچياڭنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا 2 مىليون ئوپېراتسىيە ماسكىسى، 200 مىڭ N95 ماركىلىق ماسكا ۋە 50 مىڭ دانە سىناق ئاپپاراتى بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ۋون دېر لېيېن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ يانۋار ئېيىدا خىتايغا 50 توننىدىن ئارتۇق لازىمەتلىك ياردەم قىلغانلىقىنى خاتىرىلىپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۈگۈن خىتايدىن مىننەتدارمىز. ئېھتىياج پەيتلىرىدە بىر – بىرىمىزنىڭ قوللىشىغا موھتاجمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر