يەمەندە «چوشقا زۇكۇمى» دا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

يەمەندە «چوشقا زۇكۇمى» دەپمۇ بىلىنىدىغان « H1N1ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 8 كىشى ئۆلۈپ كەتتى.

1329448
يەمەندە «چوشقا زۇكۇمى» دا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۆلەتتە  « H1N1ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1600 گە يېتىدىكەن، ھاۋانىڭ سوغۇشىغا ئەگىشىپ بۇ رەقەمنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، يەمەن ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ساغلاملىق مۇلازىمىتى جەھەتتىن شارائىتى ئەڭ ناچار دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر