گۇتېررېس: دائېش ئافغانىستاندا بارغانچە كۈچەيمەكتە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ شۇنچە ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارىماستىن، دائېشنىڭ ئافغانىستاندا كۈچ توپلاشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1266643
گۇتېررېس: دائېش ئافغانىستاندا بارغانچە كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېررېس ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان دوكلاتىدا، ئىيۇل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن سىنتەبىر ئېيىنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئافغانىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا چېتىشلىق جەمئىي 183 ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ساننىڭ 2018يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە، 93 بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائېشنىڭ ئافغانىستاندا كۈچ توپلاشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇزاكىرلىرى، ئافغانىستاندا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ  ۋە تىنچلىق نۇقتىسىدىن كۈچىيىۋاتقان رايون خاراكتېرلىق مۇرەسسەلىشىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ پات يېقىندا رەسمىي بىر تىنچلىق باسقۇچىنى باشلىيالايدىغانلىقى ھەققىدە ئېھتىيات بىلەن بولسىمۇ، ئىجابىي قاراشنىڭ يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس، «تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك مۇرەسسەلىشىشنى ئاساس قىلغان بولۇشى، پۈتۈن ئافغانىستان خەلقىنىڭ ھەق ھوقۇقىنى كەڭ كۆلەملىك قوغداشنى ئاساس قىلغاندىلا ئاندىن پۇت تېرەپ تۇرالايدۇ» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى كېرەكلىكىگە دائىر چاقىرىقىنى يەنە تەكرارلىدى.

گۇتېررېس دوكلاتىدا، ئافغانىستاندا 28 - سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، تالىبان ۋە باشقا قوراللىق تەشكلاتلارنى سايلام خادىملىرىغا ۋە سايلىغۇچىلارغا تەھدىت سېلىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر