مېركېل: ئىران توغرىسىدا ئىجابىي ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىرانغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلىرى ئۈستىدە توختالدى.

1258708
مېركېل: ئىران توغرىسىدا ئىجابىي ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسىيەنىڭ بىئاررىتز شەھىرىدە چاقىرىلغان تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى؛ ئۇ، ئىران مەسىلىسىدە ياخشى ۋە ئىجابىي سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھەممە ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى مەسىلىسىدە ھەمپىكىر ئىدى ۋە ھەممە بۇنىڭ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر چارىگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى خالايدۇ» دېدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەرنىڭ باشلىقلىرىغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مېركېل، يىغىندىكى سۆھبەتتە، سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتمەسلىكى ۋە يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار سۆھبەتلەرنى قايتىدىن ئۆتكۈزۈش – ئۆتكۈزمەسلىك مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر