يەمەن پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

يەمەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللىغان جەنۇب ۋاقىتلىق كېڭىشى يەمەننىڭ جەنۇبىدا فېدېراتسىيە مۇستەقىل دۆلىتنىڭ قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ئارقىغا قەدەم تاشلانمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1253398
يەمەن پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللىغان جەنۇب ۋاقىتلىق كېڭىشى ئەدەنگە قاراشلىق ئەتتۇۋاھى شەھىرىدە توپلىنىپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «جەنۇبتىكى خەلقنىڭ نىشانى مۇستەقىل فېدېراتسىيە جەنۇب دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇش بولۇپ، بۇ قەتئىي تاللاشتىن ئارقىغا قەدەم تاشلانمايدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، بۇنى تېخىمۇ كېچىكتۈرۈش ۋە ئۇزارتىشنىڭ جەنۇبتىكى خەلقنىڭ كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى رايون ۋە دۇنيادا تېخىمۇ چوڭ خەتەرلەرنى، ھەل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، جەنۇب ۋاقىتلىق كېڭىشىنىڭ باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە كۈچلىرىگە، ئەدەن كىرىزىسىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ئۇلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا زىددىيەتلىشىۋاتقان تەرەپلەرگە قىلىنغان دىيالوگ چاقىرىقلىرى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى ئەرەب بىرلەشمە كۈچلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرى تەكىتلەنگەن باياناتتا، رايوندا ئىراننىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە ۋە ھۇسىيلارغا داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقى تەكرارلاندى.

باياناتتا، جەنۇب ۋاقىتلىق كېڭىشىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە كۈچى، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى، ب د ت ياكى ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قانداق قىسمىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىيالوگقا قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مۇستەقىللىق تەرەپدارى جەنۇب ۋاقىتلىق كېڭىشىگە قاراشلىق ھىزام ئەمنى قىسىملىرى تۆت كۈن داۋاملاشقان ئېتىشىشلار نەتىجىسىدە، 10-ئاۋغۇست ئەدەندىكى مائاشىك پىرېزىدېنتلىق سارىيى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك دۆلەت ئورگانلىرىنى ئىشغال قىلىپ، شەھەرنى كونتروللۇقىغا كىرگۈزگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا تۇرۇۋاتقان يەمەن پىرېزىدېنتى ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ھادى رەھبەرلىكىدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھىزام ئەمنى قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى «ھەربىي ئۆزگىرىش» دەپ باھا بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر