تانزانىيەدە يۈز بەرگەن پارتلاش نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تانزانىيەنىڭ موروگورو شەھىرىدە بىر نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 62 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1251142
تانزانىيەدە يۈز بەرگەن پارتلاش نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تانزانىيەنىڭ بۇرۇنقى پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى دارۇسسالامدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان موروگورو شەھىرى ئەتىگەن تەرەپلەردە بىر نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى ستېۋېن كابۋېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتا 62 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا ئادم يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر