بىرمادا چوشقا زۇكىمى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

بىرمانىڭ يانگون، ساگايىڭ، ماۋۋاي، باگو، ئايېيارۋاردى ۋە مون قاتارلىق رايونلىرىدا چوشقا زۇكىمى سەۋەبلىك 54 ئادەم ئۆلدى.

1236266
بىرمادا چوشقا زۇكىمى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا بىر ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان چوشقا زۇكىمىدا 54 كىشى ئۆلدى.

سەھىيە ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پىيۇ پىيۇ ئايې، چوشقا زۇكىمى سۈپىتىدە بىلىنىدىغان « H1N1 »ۋىرۇسى سەۋەبلىك، ئۆتكەن ئاينىڭ ئىككىنچى چەرىكىدىن بۇيان 54 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يانگون رايونىنىڭ چوشقا زۇكىمىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۈچلۈك ئۇچرىغان رايون ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئايې، بۇ رايوندا چوشقا زۇكىمى تۈپەيلى 43 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى ئايې، يانگون، ساگايىڭ، ماۋۋاي، باگو، ئايېيارۋاردى ۋە مون قاتارلىق رايونلاردا 671بىمار ئىچىدە 274دىن ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى دېدى.

بۇ يىل 19-ئىيۇلدا چوشقا زۇكىمى تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن بىر كىشىنىڭ خەۋىرى چىققانىدى.

مىنىستىرلىق خەلقنى قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن كىشىلەردىن ۋە ئادەملەر توپلاشقان جايلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، دوختۇرخانىلاردىن بۇ كېسەللىككە تېزراق دىئاگنوز قويۇشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر