«تۈرك خەلقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزدىن گۇمان قىلىشقا بولمايدۇ»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېركا موگېرىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنى سادىر قىلىشىنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

1235838
«تۈرك خەلقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزدىن گۇمان قىلىشقا بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېركا موگېرىنى، بۈگۈن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنى سادىر قىلىشىنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: تۈرك خەلقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزدىن گۇمان قىلىشنىڭ قەتئىي ئورنى يوق، دېدى.

ۋەكىل موگېرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتنىشىدىغان تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىزدىكى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان موگېرىنى مۇنداق دېدى: «مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بولغان سۆھبىتىمنى تۈرك خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى دېيىش بىلەن باشلىدىم، بۈگۈن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقى،  ئۇ كۈن ھازىرمۇ شۇنداق ئېسىمىزدە،  تۈرك خەلقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزدىن قەتئىي گۇمان قىلىشقا بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر