پومپېيو ھامزا يۇسۇفنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تونۇلغان جامائەت ئەربابلىرىدىن ھامزا يۇسۇف تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەندى.

1233328
پومپېيو ھامزا يۇسۇفنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى تۇنجى ئىسلامىي ئۇنىۋېرسىتېت بولغان زەيتۇنە ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھامزا يۇسۇفنىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مايك پومپېيو تەرىپىدىن بېكىتىلگەن 10 كىشىلىك مەسلىھەتچىلەر سېپىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ پەرقلىق ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىككە ئىگە كىشىلەردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى، مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ رولىنى تەكشۈرۈش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بىلەن ئورناتقان يېقىن مۇناسىۋىتى تۈپەيلى يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان جامائەتچىلىكنىڭ ئېغىر تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ھامزا يۇسۇف، «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ رەھبەرلىكىنىڭ سىياسەتلىرىگە ئويۇنچۇق بولۇپ بېرىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئەيىبلەندى.

پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلامىي ئىلىملەر پىروفېسسورى ئۇسامە ئەلئازەمى، ھامزا يۇسۇفنىڭ مەزكۇر ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىشىغا «غەرب ئىسلامىدىكى دەتالاشلىق ئەھۋال» دەپ باھا بېرىپ، «غەربتىكى ئەڭ تونۇلغان ۋە قوبۇل قىلىنغان ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بىرىنىڭ ئامېرىكا تارىخىنىڭ ئىسلامغا ئەڭ قارشى ۋە پارىخور ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشى، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدىغان ۋە كەچۈرۈلمەيدىغان بىر قاراردۇر. بۇ ئەھۋال، 11 – سېنتەبىر ۋەقەلىرىدىن كېيىن (جورج) بۇش ھۆكۈمىتىگە تەۋسىيە بېرىپ، نۇرغۇن مۇسۇلماننى جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ئاۋاز بېرىشكە چاقىرىشتىنمۇ ناچار بىر ئىشتۇر» دېدى.

يۇسۇفنىڭ، «مۇسۇلمان جەمئىيەتلەردە تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىش مۇنبىرى» ناملىق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەركەزلىك بىر ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى باشتا بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبەرلىكى ۋە باشقا ئىدارە – ئورگانلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇشى دىققەتنى تارتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر