ئافغانىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا قوراللىق زوراۋانلارنىڭ  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتلىتىشى ۋە ئارقىدىنلا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 50 كىشى يارىلاندى.

1227777
ئافغانىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قورالىق زوراۋانلار ئەتىگەن تەرەپلەردە شەھەر مەركىزىدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتلاتقان، شەھەر مەركىزىدە كەڭ ساھەدە ئاڭلانغان قاتتىق پارتلاش سەۋەبىدىن دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 50 كىشى يارىلانغان، پارتلاشتىن كېيىن قوراللىق بىر گۇرۇپپا زوراۋان مىنىستىرلىق بىناسى ۋە ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلغان، ئافغانىستان ساقچىلىرى بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايوننى كونتىرول ئاستىغا ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بېرىشى دىققەت قوزغايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر