بويىندا يەنە يۇمتال خاتالىقى كۆرۈلدى

ئامېرىكا ئايروپىلان گۇرۇھى بويىن 737 ماكس تىپلىق ئايروپىلانىدا يېڭى بىر يۇمتال خاتالىقى بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1226259
بويىندا يەنە يۇمتال خاتالىقى كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بويىن شىركىتى، سىناق قىلغۇچى ئۇچقۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا يېڭىلانغان يۇمتالدا بىر خاتالىق بايقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يۇمتالنىڭ سىگناللاردىن بىرىنى خاتا ئوقۇغانلىقى، مەزكۇر خاتالىقنىڭ ئايروپىلانلارنىڭ بۇرۇن قىسمىنىڭ تۆۋەنگە قاراپ ھەرىكەت قىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنى يۇمتالنى يېڭىلاش ياكى ئۇچۇش – كونترول سىستېمىسىغا مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر خاتالىقنىڭ بايقىلىشىنىڭ ئايروپىلانلارنىڭ قايتىدىن مۇلازىمەت قىلىشنى باشلاش ۋاقتىنىڭ كېچىكىپ كېتىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ھىندونېزىيە ۋە ئېفىيوپىيەدە مەيدانغا كېلىپ يۈزلەرچە ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان قازالارنى بويىن 737 ماكس ئايروپىلانلىرىدىكى يۇمتال خاتالىقىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، ئارقىدىنلا دۇنيا مىقياسىدا يۈزلەرچە بويىن 737 ماكس تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر