غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 35 مىڭ 709 غا يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 62 ئادەم كۆپىيىپ، 35 مىڭ 709 غا يەتتى.

2143028
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 35 مىڭ 709 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 229 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 6 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 62 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 138 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 35 مىڭ 709 غا، يارىلانغانلار سانىنىڭ 79 مىڭ 990 غا يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر