ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە يەمەننىڭ ھۇدەيدە شەھىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيە يەمەننىڭ غەربىدىكى ھۇدەيدە شەھىرىنى 10 قېتىم بومباردىمان قىلدى.

2153840
ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە يەمەننىڭ ھۇدەيدە شەھىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارغا ئائىت «‹ئەلمەسىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيە يەمەننىڭ غەربىدىكى ھۇدەيدە ئايرودۇرۇمىنى 6 قېتىم بومباردىمان قىلغان، شۇنداقلا يەمەننىڭ قىزىل دېڭىزدىكى كاماران ئارىلىنى 4 قېتىم بومباردىمان قىلغان.

يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، يەمەن دېڭىز ساھىللىرىدىكى ئىسرائىلىيە سودا پاراخوتلىرىنى قولغا چۈشۈرمەكتە، بەزىلىرىگە بولسا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبالار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.

ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن،  نۇرغۇن تىرانسىپورت شىركەتلىرى قىزىل دېڭىزدىكى سەپەرلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەر شارى خاراكتېرلىك دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ سودا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى بىر گۇرۇپپا دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، «پاراۋانلىقنى قوغدىغۇچىلار ھەرىكىتى» ناملىق كۆپ دۆلەتلىك «دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يەمەندە كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن، ھۇسىيلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بارلىق پاراخوتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر