ئەسەد ۋە يانتاياقلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 20 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى

سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ، «ئىدلىب جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونى» تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 20 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1216251
ئەسەد ۋە يانتاياقلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 20 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇيانقى ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالار سانى 20 گە، ئالدىنقى كۈنى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى قوشقاندا 26 گە يەتكەن.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئاساسەن دېگۈدەك ئۆكتىچىلەرنىڭ قەلئەسى بولۇپ كەلدى. ئىچكى كۆچۈش نەتىجىسىدە نوپۇسى 4 مىليونغا يەتكەن ئىدلىبنىڭ مەركىزى 2015 – يىلى مارتتا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەندىن كېيىن ھاكىميەت كۈچلىرىنىڭ نۇقتىلىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران، 2017 – يىلى 4-، 5 – ماي كۈنلىرى چاقىرىلغان ئاستانا يىغىنىدا، ئىدلىب ۋە ئەتراپىنى «جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» دەپ ئېلان قىلغانىدى. بىراق پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرى، ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئىران ھىمايىسىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار ۋە رۇسىيەنىڭ پەقەت ماي ئېيىدىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىدا 59 ى كىچىك بالا بولۇپ، 231 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 659 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر