ب د ت ئىدلىبكە ھۇجۇم قوزغىغانلارنى ئەيىبلىدى

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر پېدېرسېننىڭ مەسلىھەتچىسى ناجات روچدى ئىدلىبكە ھۇجۇم قوزغىغانلارنى ئەيىبلىدى.

1202927
ب د ت ئىدلىبكە ھۇجۇم قوزغىغانلارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېيىر پېدېرسېننىڭ مەسلىھەتچىسى ناجات روچدى، سۈرىيەدىكى «ئىدلىب سۈركىلىشنى پەسەيتىش رايونى»دا تۇرالغۇ جايلارنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى.

خەلقئارا سۈرىيەنى قوللاش گۇرۇھىنىڭ ئىنسانىي ياردەم خىزمەتلىرى يىغىنى شىۋېتسىيەنىڭ جەنۋەدە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندىن كېيىن روچدى، سۈرىيەدىكى ئىدلىب رايونىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى توغرۇلۇق توختالدى.

روچدى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا 180 مىڭ كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىخەتەر جايغا بېرىش ئۈچۈن ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ھېلىھەم دەرەخ ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى، ئىران يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەر ۋە رۇسىيەنىڭ، 2018-يىلى 17-سېنتەبىردە ئىمزالانغان ئىدلىب كېلىشىمىگە زىت ھالدا  ئىدلىبكە ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى  ئېيتقان روچدى، ھۇجۇملاردا ۋارىل بومبىلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

روچدى ئىدلىبتىكى  مەكتەپلەر ۋە سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۈرىيەدىكى تەرەپلەرنى كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

ئىدلىبتىكى 3 مىليون كىشى ئىچىدە 1 مىليون بالا بارلىقىنى ئېيتقان روچدى، رايوندىكى توقۇنۇشلارنىڭ يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«بۇ رايوندىكى قالايمىقانچىلىق ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى رايونغا ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىشكە توسالغۇ بولماقتا»دېگەن روچدى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى تۈپەيلى تەخمىنەن 12 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ياردەم خىزمەتلىرىنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

روچدى ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى رۇكبان لاگېرىدىن 12 مىڭ كىشىنىڭ شارائىتنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت نىڭ بۇ  لاگېرغا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى دېدى.

لاگېردا ھېلىھەم 29 مىڭ كىشىنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ يىل فېۋرالدىن بۇيان ياردەمسىز قالغانلىقىنى ئېيتقان روچدى: ئۇ جايلاردا ئاچارچىلىق خېلى بۇرۇنلا باشلىدى، دېدى.

بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىدلىبتە 25-ئاپرېلدىن بۇيان ئەڭ ئاز 142 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 385 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر