شىمالىي كورېيە: ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردە پومپېيونىڭ بولۇشىنى خالىمايمىز

شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يادرو سۆھبەتلىرى باش مۇزاكىرىچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

1186778
شىمالىي كورېيە: ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردە پومپېيونىڭ بولۇشىنى خالىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا ئىشلىرىگە مەسئۇل باشقارمىسى باشلىقى كۋون جوڭگۇن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – KCNA غا بايانات بېرىپ، مايك پومپېيونى «بىپەرۋالارچە» بايانات بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى.

كۋون، پىيوڭياڭنىڭ مايك پومپېيونىڭ رەھبەرلىكىدە دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلمايدىغانلىقىنى، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش مۇزاكىرىچىلىكنى داۋاملاشتۇرغاندا تەقدىردە، ئۇچرىشىشلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ناچار يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى ۋە چېگىشلىشىپ كېتىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئۇ، «ئامېرىكا بىلەن دىيالوگ داۋاملاشتۇرۇلغان تەقدىردە، دىيالوگ شېرىكلىرىنىڭ پومپېيو ئەمەس، ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش جەھەتتە تېخىمۇ پىشقان ۋە ئەستايىدىل بىرىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرى» نى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئالىي خەلق مەجلىسىدە قىلغان سۆزى توغرىسىدىكى بايانلىرىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن كۋون، «سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ھېساب ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى ۋە قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ھەممە ئېنىق چۈشەندى. يالغۇز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو، بۇنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىلجىرلىدى» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن 27 – ، 28 – فېۋرال كۈنلىرى ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن، بىراق يىغىندا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغان، ترامپ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئۇلار ئېمبارگولارنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشى تەلەپ قىلدى. بىزنىڭ بولسا بۇنداق قىلىش نىيىتىمىز يوق ئىدى. شۇڭا كېلىشەلمىدۇق» دېگەنىدى.

ترامپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنى، بىراق ئۇچرىشىشتا كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپ، ۋىيېتنامدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ – ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، شىمالىي كورېيە لىدىرى بىلەن «يېڭى بىر ئۇچرىشىش توغرىسىدا سۆزلەشمىگەنلىكلىرى» نى ئېيتقانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر