لىۋىيەدە ئۈچ كۈن ئىچىدە 47 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

يېڭى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغان لىۋىيەدە يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە 47 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 181 كىشى يارىلاندى.

1180041
لىۋىيەدە ئۈچ كۈن ئىچىدە 47 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باياناتچىسى تارىق جاسارەۋىچ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باياناتچىسى تارىق جاسارەۋىچ: «سەھىيە ئورگانلىرى يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە 47 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 181 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى دوكلات قىلدى» دېدى.

ئۇ جېنىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە ئەھۋالى ئېغىر بولغان كىشىلەرنى داۋالاشقا تىرىشقان ئىككى دوختۇرنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سەھىيە ئورگانلىرى بىلەن سەھىيە خادىملىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىىلش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە رايوندىكى سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۇجۇمدىن بۇرۇن ھەر تۈرلۈك سەلبىي ئەھۋاللارغا قارشى كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالغابنلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر