شەرقىي ياۋروپادا ئاياللارنىڭ %70 ى 15 يېشىدىن تارتىپلا جىنسىي زورۋانلىقلارغا ئۇچرايدۇ

شەرقىي ياۋروپادا ئاياللارنىڭ %70 نىڭ 15 يېشىدىن تارتىپلا جىنسىي سۇيىئىستېمال، تەقىپ قىلىش ئارقىلىق باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۆي ئىچىدە زورۋانلىق قىلىش قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك ھۇجۇملارغا ئۇچرايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1158459
شەرقىي ياۋروپادا ئاياللارنىڭ %70 ى 15 يېشىدىن تارتىپلا جىنسىي زورۋانلىقلارغا ئۇچرايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكلاتى تەرىپىدىن 2018يىلى باھاردا ۋە ياز ئايلىرىدا ئالبانىيە، بوسنىيە گىرېتسىگوۋېنا، كوسوۋا، مولداۋىيە، كاراداغ، شىمالىي ماكېدونىيە، سېربىيە ۋە ئۇكرائىنادا 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرۈشۈپ ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، ئاياللارنىڭ %70 نىڭ 15 يېشىدىن تارتىپلا جىنسىي سۇيىئىستېمال، تەقىپ قىلىش ئارقىلىق باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۆي ئىچىدە زورۋانلىق قىلىش قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك ھۇجۇملارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

تەكشۈرۈشتە يەنە، ئاياللارنىڭ %60 نىڭ ئائىلە ئىچىدە پىسىخىئولوگىيەلىك زوراۋانلىقلارغا ئۇچرىغانلىقى، %23 نىڭ يولدىشى ياكى بىرلىكتە ياشىغان كىشى تەرىپىدىن جىسمانىي ۋەياكى جىنسىي زوراۋانلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. 

ئاياللارنىڭ %74 نىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىغاندا قانداق قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكى، %7 نىڭ يولداشلىرى بىلەن ئېغىر جېدەللەر يۈز بەرگەن ئەھۋالدا ساقچىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.  

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكلاتى باش كاتىبى توماس گرېمىنگېر ئاياللارنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىشىشىغا قارشى ۋە قۇربانلارغا قارىتىلغان خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشىلاشتۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئاياللار بىلەن ياش قىزلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سىياسىي رەھبەرلەرگە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر