ترامپنىڭ «تەكشۈرۈش» خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىپ - قىلمىغانلىقىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك قاناتقا مەنسۇپ باشلىقى جېررولد نادلېر، رۇسىيەنىڭ سايلامغا مۇداخىلە قىلىپ - قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

1156128
ترامپنىڭ «تەكشۈرۈش» خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىپ - قىلمىغانلىقىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك قاناتقا مەنسۇپ باشلىقى جېررولد نادلېر، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «رۇسىيە تەكشۈرۈشى» جەريانىدا ئەدلىيە خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىپ – قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھۆججەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جېررولد نادلېر، 2016 – يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا رۇسىيەنىڭ مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ABC خەۋەرلەر قانىلىدا سۆز قىلغان نادلېر، ترامپنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئەدلىيە خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىپ – قىلمىغانلىقىنىڭ ئەدلىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئەدلىيە خىزمەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىشى، چىرىكلىك ۋە ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئالاقىدار نۆۋەتتىكى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئامېرىكا خەلقى بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، (ترامپنىڭ ئوغلى) دونالد ترامپ جر. ۋە ئالېن ۋېسسېلبېرگ قاتارلىق ئاقساراي ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى 60 تىن ئارتۇق ئەمەلداردىن ھۆججەت تەلەپ قىلىش تەلەپلىرىمىزنى تەييارلاپ چىقىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ترامپنىڭ رۇسىيە تەكشۈرۈشىدە ئەدلىيە خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا ئىشىنىپ – ئىشەنمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «شۇنداق، ئىشىنىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

نادلېر، ترامپنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىنىپ تاشلىنىش مۇساپىسى توغرىسىدا بولسا، «تېخىمۇ ئۇ نۇقتىغا كېلىشكە ئۇزۇن ۋاقىت بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر