ئەنگلىيە يەمەنگە 200 مىليون فوند ستېرلىڭ ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي يەمەندە ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا 200 مىليون فوند ستېرلىڭ (262 مىليون دوللار) ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى.

1152428
ئەنگلىيە يەمەنگە 200 مىليون فوند ستېرلىڭ ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېرېسا مەي مىسىرنىڭ ساياھەت رايونى شارم ئەش شەيختە ئۆتكۈزۈلگەن «مۇقىمللىققا مەبلەغ سېلىش» تېمىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەرەب بىرلىكى يۇقىرى درىجىلىك رەھبەرلىرى يىغىنىدىكى نۇتۇقىدا، يەمەندىكى كىرىزىسكە خاتىمە بېرىشنىڭ بىردىن بىر يولى سىياسي ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن مۇھىم مۇساپىلەر بېسىلىپ بولغانلىقىنى، بىراق بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتىكى كېلىشملەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن سىتوكھولىم ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەشلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى. 

تېرېسا مەي يەمەندە ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا 262 مىليون دوللار ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى.

يەمەندە 4 يىلدىن ئاشقان توقۇنۇشلاردا مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. دۇنيانىڭ ئەڭ نامرات دۆلەتلىرى قاتارىدا ئورۇن ئالغان يەمەندە، ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇلغايغان ئىنسانىي كىرىزىسمۇ قورقۇنچلۇق سەۋىيەگە يەتتى.

يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدە 2018يىلى 6 - دېكابىردىن 13 - دېكابىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردا، ئەسىر ئالماشتۇرۇش، ھۇدەيدەدە ئۇرۇش توختىتىش، پورتلار ۋە تائىزغا ئالاقىدار كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقان ئىدى. 


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر