ئەلرايى تەكشۈرۈشى: ئەردوغان غەربىي بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇلىدىغان رەھبىرى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەربىي بالقان خەلقلىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەھبەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

2139733
ئەلرايى تەكشۈرۈشى: ئەردوغان غەربىي بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇلىدىغان رەھبىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتى ئالبانىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، قاراتاغ، شىمالىي ماكېدونىيە، سېربىيە ۋە كوسوۋودا «غەربىي بالقان رايونى  ئەلرايى تەكشۈرۈشى» ئېلىپ باردى.

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن بىر قاتار باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە، «دۇنيا ۋە رايون رەھبەرلىرىنىڭ قايسىسىغا ئىجابىي قارايسىز؟» دەپ سورالغان.

ئەلرايىنى سىناشقا قاتناشقان ئالبانىيەلىكلەرنىڭ %71 ى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالبانىيەدىكى تەكشۈرۈشتە، جو بايدىن ئىككىنچى، شى جىنپىڭ ئۈچىنچى بولغان.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا ئوخشاش سوئالغا جاۋاب بەرگەنلەرنىڭ %61 ى ئەردوغاننى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ %37 ئەتراپىدا ئاۋازغا ئېرىشكەن.

قاراتاغدىمۇ ئەردوغان بىرىنچى، پۇتىن ئىككىنچى، شى جىنپىڭ ئۈچىنچى بولغان.

شىمالىي ماكېدونىيەدىمۇ ئەردوغان %66 ئاۋازغا ئېرىشىپ بىرىنچى بولغان، ئۇنىڭدىن قالسا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئورۇن ئالغان.

سېربىيەدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭدىن كېيىنكى ئۈچىنچى رەھبەر بولغان

كوسوۋودا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىرىنچى قاتاردىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىككىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغان.

تەكشۈرۈشكە ئالبانىيەدىن 1216، بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنادىن 1225، شىمالىي ماكېدونىيەدىن 1220، قاراتاغدىن 1036، سېربىيەدىن 1238، كوسوۋادىن 1203 كىشى قاتناشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر