ئوخايودا قوراللىق ۋەقە يۈز بەردى
ئامېرىكانىڭ ئوخايو ئىشتاتىدا بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
2147846

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوخايو ئىشتاتىنىڭ ئاكرون رايونىدا تۈنۈگۈن (2-ئىيۇن) بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 25 كىشى يارىلاندى.
ئوخايو ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە يۈز بەرگە جايدا نۇرغۇن ئوق مىشەكلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، ۋەقەدە زىياپەتكە قاتناشقان بەزى كىشىلەرنىڭمۇ ھۇجۇمچىغا قورال بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئاكرون رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى شامماس مالىك (Shammas Malik) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گۇماندارنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە كىملىك مەلۇماتلىرىنىڭ ئېنىقلىنىشىغا ياردەم قىلغان گۇۋاھچىلارغا 22 مىڭ 500 دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.