«ياۋروپا ئىتتىپاقى پەلەستىن مەسىلىسىدە بۆلۈنۈپ كەتتى»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا بىردەك ھەرىكەت قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە كەلگەندە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

2139717
«ياۋروپا ئىتتىپاقى پەلەستىن مەسىلىسىدە بۆلۈنۈپ كەتتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خۇۋېر ئىنستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە، غەززە رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

بوررېل پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سىياسىي باسقۇچنىڭ باشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئىنسانىي تىراگېدىيەدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئاساسىدا ھەل قىلىش چارىسىدۇر. بۇنى بىز تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا داغ چۈشۈرىدىغان بۇ ئىنسانىي تىراگېدىيە (ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى) غا خاتىمە بېرىشتىن باشقا چىقىش يولى يوقتۇر.»

بوررېل ياۋروپانىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى بەزى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رۇسىيەگە قارشى بىردەك ھەرىكەت قىلدى، جۈملىدىن ئۇكرائىنانى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن، ھەر جەھەتتىن بىردەك قوللىدى. غەززە مەسىلىسىگە كەلگەندە ئۇنداق قىلالمىدى.»

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئاساسىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ۋە ئەرەب ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا تەرەپ كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئاساسىدا ھەل قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشتا سەل چارچاپ قالغاندەك قىلىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر