ب د ت ۋېنېزۇئېلانىڭ كولومبىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەيىبلىدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى مىشېل باچېلېت ۋېنېزۇئېلانىڭ كولومبىيە چېگراسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىدى.

1151704
ب د ت ۋېنېزۇئېلانىڭ كولومبىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ۋېنېزۇئېلانىڭ كولومبىيە چېگراسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ۋېنېزۇئېلانىڭ كولومبيە بىلەن بىرازىلىيە چېگراسىدىكى بەزى نۇقتىلاردا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئەيىبلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«باچېلېت جۈمە ۋە شەنبە كۈنى ئەڭ ئاز دېگەندە تۆت كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى دەلىللەنگەن ۋەقەلەردە، ۋېنېزۇئېلا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلەيدۇ.»

باياناتتا، باچېلېتنىڭ، «كىشىلەرگە ئوق ئېتىلدى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ھەقتىكى دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، بەزى كىشىلەر كۆزى قۇيۇلۇشقا ئوخشاش بۇندىن كېيىن قەتئىي ياخشىلانمايدىغان شەكىلدە يارىلانغان. بۇلار تولىمۇ نومۇس قىلارلىق ۋەقەلەر ھېسابلىنىدۇ. ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق خەلققە ۋە ئادەتتىكى پۇقرالارغا قارشى مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشىنى توختىتىشى كېرەك» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى باچېلېتنىڭ ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىدىن ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر