خىتاي ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم رول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىراننىڭ رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردە ئىجابىي رول ئوينىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1148426
خىتاي ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم رول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ۋاڭ يى ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زەرىفنىڭ پايتەخت بېيجىڭدا دۆلەت مېھمان سارىيى «Diaoyütai» دا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

ۋاڭ يى ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋە خەلقئارانىڭ ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ۋە خىتاي ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ يېڭى ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىراننىڭ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز» دېدى. 

ئىككى دۆلەتنىڭ بەزىدە داۋۇلغۇشلۇق مەزگىللەرنىمۇ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىراق ئىستىراتىگىيەلىك مۇقىملىقنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋاڭ يى، خىتاي بىلەن ئىران ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى قوغداپ، تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلارغا ئىگە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىف بولسا، «خىتاي ئىران كەڭ دائىرىلىك ئىشتىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىگە زور ئەھمىيەت بېرىمىز. خىتاينى ئىراننىڭ مۇھىم ۋە كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايمىز» دېدى.

ئىران پارلامېنتى باشلىقى ئەلى لارىجانىمۇ خىتاي زىيارىتى ۋەسىلىسى بىلەن ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەردىكى يېڭى باشلانغۇچ نۇقتىسىدىن رىغبەتلەندۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

زارىف بىر بەلۋاغ، بىر يول لايىھەسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە زور مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، ئىراننىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول لايىھەسىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىغا ئالدىمىزدىكى باسقۇچلاردا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىككى تەرەپ ئىران يادرو مەسلىسىگە ئالاقىدار كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالمۇشتۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كېلىشىمنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئىجرا قىلىنىشى، كېلىشىمدىكى كۆپ تەرەپلىك بولۇش ئالاھىدىكىلىنىڭ قوغدىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە مەۋجۇت ھەق ھوقۇق شۇنداقلا مەنپەئەتلەرنىڭ قوغداپ قىلىنىشىغا قارىتا يېقىن مۇناسۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

زارىفنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇنىڭغا ئىران پارلامېنت باشلىق لارىجانى ھەمراھ بولماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر