«سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىنىڭ %98 ى ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سادىر قىلىندى»

8 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى مۇساپىسىدىكى 336 قېتىملىق خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ %98 ىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1147104
«سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىنىڭ %98 ى ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سادىر قىلىندى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا جايلاشقان دۇنيا دۆلەت سىياسىتى ئىنستىتۇتى، «يوشۇرۇنىدىغان ھېچبىر يەر يوق: سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنىڭ مەنتىقىسى» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشى سايىسىدا تەييارلانغان دوكلاتقا قارىغاندا، ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغان كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغان.

دوكلاتقا قارىغاندا، 2011 – يىلىدىن بۇيان سۈرىيەدە كەم دېگەندە 336 قېتىم خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ %98 ى ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىنىڭ ئالتىسى دائېش تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان.

سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىنىڭ %90 ى، ھاكىمىيەتنىڭ 2013 – يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا سادىر قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى پەيدا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن سادىر قىلىنغان.

سۈرىيەدە 2013 – يىلى 21 – ئاۋغۇستتا سادىر قىلىنغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدىن كېيىن، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىگە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان. ئۆز دەۋرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ ھۇجۇمغا «ھالقىپ كېتەلمەسلىكى كېرەك بولغان قىزىل سىزىق» دەپ باھا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر