ھىندىستاندا چوشقا زۇكىمى خەۋپى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا

ھىندىستاننىڭ چوشقا زۇكىمى تۈپەيلى ئەڭ كۆپ ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئۆلكىسى راجاستاندا بۇ كېسەللىك يۈزىسىدىن ئۆلگەنلەر سانى 105 كە يەتتى.

1142857
ھىندىستاندا چوشقا زۇكىمى خەۋپى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، چوشقا زۇكىمى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان H1N1 باكتېرىيەسى تۈپەيلى ئەڭ كۆپ ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان راجاستان ئۆلكىسىدە بۇ يىل 2854 كىشىدە مەزكۇر زۇكام بايقالغان.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار، راجاستاندا بۇ ھەپتە ئاخىرى يەنە 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان چوشقا زۇكىمى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 105 كە يەتكەن.

باكتېرىيەنىڭ راجاستان ئۆلكىسىنىڭ جائىپۇر، گانگاناگار ۋە سىكار شەھەرلىرىدە ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر باكتېرىيە ئەڭ كۆپ بايقالغان باشقا رايونلار ئارىسىدا دېھلى، گۇجرات ۋە ھاريانا ئۆلكىلىرى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر