جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا كېلىشتى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، سېئول دائىرىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان مەبلەغ توغرىسىدا كېلىشتى.

1142259
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تەرەپلەرنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىكى 28500 ئەسكەرنىڭ چىقىمىنى ئورتاقلىشىش توغرىسىدا يېڭى بىر كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، سېئو ھۆكۈمىتى تۆلەيدىغان مىقدار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، جەنۇبىي كورېيەنىڭ 2019 – يىلى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن 924 مىليون دوللار تۆلەيدىغانلىقىنى يازدى.

جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى، چىقىم تەقسىماتى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ 10 قېتىمدەك سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى، جەنۇبىي كورېيەنىڭ كېلىشىمدىكى پېيىنى 1 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتاتتى.

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدىكى مۇددىتى توشقان بۇرۇنقى كېلىشىمدە سېئول ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تۆلىشى كېرەك بولغان مىقدار 848 مىليون دوللار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر