ھىندىستاندا چوشقا زۇكىمى خەۋپى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا

ھىندىستاندا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان چوشقا زۇكىمى تۈپەيلى جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 226 گە يەتتى.

1139165
ھىندىستاندا چوشقا زۇكىمى خەۋپى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەھىيە مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇماتلىرى، دۆلەت مىقياسىدا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان 6601 ئادەمدە چوشقا زۇكىمىنىڭ بايقانلىقىنى، بۇلارنىڭ 2030 ىنىڭ يېقىنقى 7 كۈن ئىچىدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سانلىق مەلۇماتلار، بىر ھەپتە ئىچىدە يەنە 31 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن چوشقا زۇكىمى تۈپەيلى جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 226 گە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

چوشقا زۇكىمى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان H1N1 باكتېرىيەسى تۈپەيلى ئەڭ كۆپ ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان راجاستان ئۆلكىسىدە بۇ يىل 2263 كىشىدە مەزكۇر زۇكامنىڭ بايقالغانلىقى، 85 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

دېھلى، گۇجرات ۋە ھاريانا ئۆلكىلىرى بولسا، مەزكۇر باكتېرىيە ئەڭ كۆپ بايقالغان باشقا رايونلار ھېسابلىنىدۇ.

دېھلىدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 479 ئادەمدە چوشقا زۇكىمىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر