ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىن ئاشۇرۇپ پۇل تەلەپ قىلغانلىقى ئەيىبلەندى

شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە تۇرىشى ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەدىن ئاشۇرۇپ پۇل تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

1131666
ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىن ئاشۇرۇپ پۇل تەلەپ قىلغانلىقى ئەيىبلەندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي گېزىتى «Rodong Sinmun» نىڭ ماقالىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جونۇبىي كورىيەدە تۇرۇشلۇق 28 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنىڭ چېقىملىرىنى ئورتاقلىشىش مەسىلىسىدە، جەنۇبىي كورېيەدىن تېخىمۇ كۆپرەك ھەسسە قوشۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا قارىتا «زاماننىڭ ئارقىدا قالغان تەلەپ» دەپ باھا بېرىلدى.

ماقالىدا بۇ تەلەبنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي جىددىيچىلىكلەرنى تۆۋەنلىتىش تىرىشچانلىقىغا زىت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

ئامېرىكا ۋە جونۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا دېكابىر ئېيىدا مۇددىتى توشقان سابىق كېلىىشمگە ئاساسەن جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن يىللىق تۆلىشى كېرەكلىك بەدەل 848 مىليون دوللار ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىن تەلەپ قىلىۋاتقان بەدەلنى %50 ئاشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ فېۋرال ئېيىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

دونالد ترامپ تۇنجى قېتىم ئالدىنقى يىلى 12ئىيۇندا كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى رەھبەر شىمالىي كورېيەنى يادورۇلۇق قوراللاردىن پاكلاش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر