ئىران پۇقرالىرىنى زۆرۈر بولۇپ قالمىغان تەقدىردە گىرۇزىيەگە بارماسلىق توغرىىسدا ئاگاھلاندۇردى

ئىران چوشقا زۇكىمى خەۋپىنى نەزەردە تۇتۇپ پۇقرالىرىنى مەجبۇر بولۇپ قالمىغان ئەھۋالدا گىرۇزىيەگە بارماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1129362
ئىران پۇقرالىرىنى زۆرۈر بولۇپ قالمىغان تەقدىردە گىرۇزىيەگە بارماسلىق توغرىىسدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەملىكەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كومىتېتى ئەزاسى مەسئۇد مەردانى، «گىرۇزىيەدە يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئايلانغان H1N1 باكتىرىيەسى ئىرانغىمۇ تارقالدى. باكتىرىيەنىڭ مەنبەسى گىرۇزىيەدۇر. پۇقرالىرىمىز مەجبۇر بولۇپ قالمىغان ئەھۋالدا بۇ دۆلەتكە بېرىشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك» دېدى.

ئۇ، گىرۇزىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىزىتما ئۆرلەپ كېتىش، بۇرۇن ئېقىش ۋە باش ئاغرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ئىرانلىقلارنىڭ ئەڭ يېقىن سەھىيە مەركىزىگە بېرىپ كۆرۈنۈشىنى تەلەپ قىلدى.

گىرۇزىيەدە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، چوشقا زۇكىمى دېيىلىدىغان H1N1 باكتىرىيەسى تۈپەيلى 10 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى. گىرۇزىيە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى گىئورگى چوگوۋادزې ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، 2018 – يىلىنىڭ دەسلەپكى 10 ئېيىدا گىرۇزىيەگە 7 مىليون 500 مىڭ ساياھەتچى كەلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 262 مىڭىنىڭ ئىرانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر