مېركېل ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى رەت قىلىشىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1126884
مېركېل ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا دائىر كېلىشىم ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاقىت بارلىقىنى ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېينىڭ تەكلىپ –پىكىرلىرىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئانگېلا مېركېل ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىىپ چىقىشىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىش لازىملىقى توغرىسىدا بۇرۇنراق چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققاندا كېلىپ چىقىدىغان زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان مېركېل: بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك، بىز بارلىق ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرمىز، بۇ سەۋەبتىن ئەتە فېدراتىپ مەجلىستە ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن يولغا قويۇلىدىغان قانۇنلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىمىز. مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاقتىمىز يېتەرلىك، بىز باش ۋەزىر تېرېسا مېينىڭ قانداق تەكلىپ-پىكىر بېرىدىغانلىقىنى كۈتۈۋاتىمىز، دېدى.

ئانگېلا مېركېل ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۈنۈگۈن  ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى رەت قىلىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر