ترامپ: سۈرىيەدىن چېكىنىمىز دېدىم، ئەمما...

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇساپىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1120713
ترامپ: سۈرىيەدىن چېكىنىمىز دېدىم، ئەمما...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى، بىراق ئەسكەر چېكىندۈرۈش مۇساپىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش جەريانىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان مەزگىللىرىدە سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە دائېشنىڭ ئىراقتىن پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلانغانلىقىنى، سۈرىيەدە بولسا، ئاز ساندا قالغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ترامپ، «نۆۋەتتە سۈرىيەدىن چېكىنىۋاتىمىز، بىراق ھېچقاچان ناھايىتى تېز سۈرئەتتە چېكىنىدىغانلىقىمىزنى تىلغا ئالمىدىم» دېدى.

ترامپ ئەمدى رايون دۆلەتلىرىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «رۇسىيە بىلەن ئىران دائېشتىن بىزدىنمۇ بەكرەك نەپرەتلىنىدۇ. تۈركىيە بەلكى بىزچىلىك بولمىسىمۇ دائېشتىن نەپرەتلىنىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دائېشتىن نەپرەتلىنىدۇ. بىزنىڭ قىلغىنىمىزدەك بىرئاز ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ رايونلىرىدا ئۇرۇش قىلسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون بولسا، ئىسرائىلىيەدە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىشى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ <كورد جەڭچىلىرى> نىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە دائېشنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى شەرتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر