رۇسىيەدىكى گاز پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

رۇسىيەنىڭ چېليابىنسك رايونىغا جايلاشقان ماگنىتوگورىسك شەھىرىدە تەبىئىي گاز پارتاش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بىنانىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدىن چىقىرىلغان جەسەتلەرنىڭ سانى 13 كە يەتتى.

1117799
رۇسىيەدىكى گاز پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماگنىتوگورىسك شەھىرىدە 13 – دېكابىر  كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە  10 قەۋەتلىك بىر بىنادا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىنا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى.

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدىن 13 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان بولۇپ، خارابىلىكنىڭ ئاستىدا قالغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان 30 كىشىنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

پارتلاشتا 100 دىن ئارتۇق كىشى ياشاۋاتقان 48 يۈرۈشلۈك ئۆي زىيانغا ئۇچرىغانىدى.

ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بىنانىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدىن دەسلەپكى قەدەمدە 8  كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان، بىر بوۋاق بولسا ۋەقەدىن تەخمىنەن 35 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر