ئافرىقا دۆلەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى

چاد، كامېرۇن، نىگېر، بېنىن ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

1097832
ئافرىقا دۆلەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چادنىڭ پايتەختى نىجامېنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا جەم بولغان چاد كۆلى ھاۋزىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

ئافرىقا تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە چاد پىرېزىدېنتى ئىدرىس دەبى، نىگېر پىرېزىدېنتى ماھامادو ئىسوپو، نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى بىلەن كامېرۇن باش مىنىستىرى پىلمون ياڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ، بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە سادىر قىلغان تېررورلۇق قىلمىشلىرى ئۈستىدە كېڭەش قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەتبۇئاتقا يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا چاد، كامېرۇن، نىگېر، بېنىن ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ئورتاق ۋەزىپە ئۆتەش قىسمىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە ياردەم تەلەپ قىلدى.

دۆلەت رەھبەرلىرى بوكو ھارامغا قارشى زەربە بېرىش خىزمەتلىرىدە تاكتىكا ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

نىگېرىيە پىرېزىدېنتى بۇخارى رايوندا يېقىن مەزگىللەردە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بولۇپمۇ ھەربىي بازىلار ۋە گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ نوپۇزى ۋە تەسىر دائىرىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بۇخارى: تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ ھەر يەرگە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ، لېكىن كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىز قەتئىي بوشاشماي چاد كۆلى ھاۋزىسىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر