مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولدى

مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئېمبارگونى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلەردە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1096848
مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەلئەرەبىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ مىسىر زىيارىتى جەريانىدا، مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ئېمبارگونى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلەردە ھەرگىز مۇرەسسە قىلىشمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئاخباراتقا يىپىق شەكىلدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراننىڭ مۇداخىلىلىرىگە قارشى تۇرۇش لازىملىقىمۇ تەكىتلەندى.

خەۋەردە يەنە، سىسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇل ئەزىزگە يوللىغان سۆزىدە، مىسىرنىڭ پارىس قولتۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ۋەدىلىرىنى يىڭىلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بەھرەين ۋە بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، 2017يىلى 5 - ئىيۇندا ئورتاق قارار ماقۇللاپ، قاتار بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ۋە ئارقىدىنلا قاتارغا قارشى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغان ئىدى.

قاتارنى قورشاۋغا ئالغان مەزكۇر 4 دۆلەت يەنە، مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى ئۈچۈن قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشى، ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنى خىزمەتتىن توختىتىشى... قاتارلىق 13 ماددىلىق شەرتنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

قاتار بولسا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق تەلەبنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر