گوللاندىيە: «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش پىلانى خام-خىيالدۇر»

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇت «ياۋروپا ئارمىيەسى»قۇرۇش پىلانىنىڭ تامامەن خام-خىيال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1089901
گوللاندىيە: «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش پىلانى خام-خىيالدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇت «ياۋروپا ئارمىيەسى»گە دائىر مۇنازىرىلەر توغرىسىدا توختىلىپ، ياۋروپانىڭ ئامېرىكا بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر رۇت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنىڭ خام-خىيال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش پىلانى ئەلۋەتتە ياۋروپانىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداشتا ئىشقا يارايدۇ، لېكىن نۆۋەتتە ياۋروپا ئامېرىكا بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى قوغدىيالمايدۇ، خەلقئارانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ياۋروپانىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ياۋروپانىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغدىيالىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا ياۋروپادىكى تەڭپۇڭلۇقلارنى قوغداش ئامېرىكاغا نىسبەتەنمۇ تولىمۇ مۇھىمدۇر.»

باش مىنىستىر رۇت ياۋروپا ئارمىيەسى پىلانىنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، گوللاندىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئارمىيەسى پىلانىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان رۇت: بىزگە مۇشۇنداق بىر تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلسا، مەن بۇنىڭغا قارشى چىقىپ بۇ چۈشەنچىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ياقلايمەن، ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرىمەن، دېدى.

باش مىنىستىر رۇت گوللاندىيەنىڭ  بىخەتەرلىك سىياسىتىدە شمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئەلۋەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىش تولىمۇ مۇھىمدۇر، لېكىن رىئالىققا ئاساسەن ئىش تۇتۇش كېرەك، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن ناتو كۈچىنىڭ %80ى ياۋروپا ئىتتىپاقى سىرتىدىكى دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ، بۇنى قەتئىي ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز لازىم، ناتو بىلەن ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن ئاساسلىق شىرىكلىرىدۇر،دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر