ئامېرىكا سۈرىيەدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى سۈرىيەدنىڭ دەيرىزور ۋىلايىتىنى بومباردىمان قىلىپ 20 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1087313
ئامېرىكا سۈرىيەدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ ئىراق چېگراسىغا جايلاشقان دەيرىزور ۋىلايىتىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى بومباردىمان قىلىپ ئەڭ ئاز 20 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

دەيرىزوردىكى ئىشەنچىلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ دەيرىزور ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى  تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ھەججىن ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارغا ھاۋادىن ھۇجۇمى قىلىشى نەتىجىسىدە ئايال ۋە بالا بولۇپ 20 ئادەم ئۆلگەن.

خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى بۇ يىل 18-25-ئۆكتەبىر كۈنلىرىدە دەيرىزور ۋىلايىتىنىڭ ھەججىن ناھىيەسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق سۈسە رايونىدىكى جامەلەرنى بومباردىمان قىلىپ جەمئىي 53 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

لېكىن خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى جامە ۋە يەرلىك ئاھالىنى ئەمەس دائېش تېررورچىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ –پ ك ك ئامېرىكانىڭ يانتاياق بولۇشى ئارقىسىدا فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە دەيرىزورنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي رايونلىرىنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتماقتا.

ئامېرىكانىڭ ھاۋادىن فىرانسىيەنىڭ  قۇرۇقلۇقتىن ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ي پ گ –پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى، بۇ يىل 11-سېنتەبىردىن بۇيان دائېشنى دەيرىزوردىن تەلتۆكۈس تازىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.  

سۈرىيە زېمىنىنىڭ تەخمىنەن %28ى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ –پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرماقتا.

دائېش بولسا سۈرىيەگە تەۋە 3 رايوندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، سۈرىيە زېمىنىنىڭ %3.3نى ھېلىھەم چاڭگىلىدا تۇتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر