يىللىق 100 ياۋرو تۆلەپ، تۇنجى ئالەم بوشلۇقى دۆلىتى «Asgardia» نىڭ پۇقراسى بولۇشنى خالامسىز؟

تۇنجى ئالەم بوشلۇقى دۆلىتى «Asgardia» غا تۈركىيەدىن 40 مىڭ كىشى پۇقرالىققا ئۆتتى.

1087916
يىللىق 100 ياۋرو تۆلەپ، تۇنجى ئالەم بوشلۇقى دۆلىتى «Asgardia» نىڭ پۇقراسى بولۇشنى خالامسىز؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تارىختىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقى جۇمھۇرىيىتى «Asgardia» دۆلىتىنىڭ يەر يۈزىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ئازاد، ئەركىن بىر مۇھىت يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 

تارىختا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان ئالەم بوشلۇقى جۇمھۇرىيىتى «Asgardia» دۆلىتى بۇنىڭدىن كېيىن پۇقرالىرىنىڭ يىللىق پۇقرالىق بەدىلى تۆلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئالەم بوشلۇقى دۆلىتى «Asgardia» نىڭ پۇقرالىق قانۇنىغا رەسمىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

بۇ ئۆزگەرتىشلەر نەتىجىسىدە، «Asgardia» پۇقرالىرى، بۇنىڭدىن كېيىن پۇقرالىق ھەق ھوقۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يىللىق 100 ياۋرو بەدەل تۆلەيدۇ.

 تۇنجى ئالەم بوشلۇقى دۆلىتى «Asgardia» پارلامېنتى باشلىقى لېمبىت ئۆپېك، بۇ قارارنىڭ پارلامېنت تەرىپىدىن ئاساسلىق كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

قارارغا بىنائەن، «Asgardia» پۇقرالىقىغا يېڭى ئىلتىماس قىلىدىغان كىشىلەر، تەلەپ سۇنغان 30 كۈن ئىچىدە پۇقرالىق ھەققىنى تۆلىشى لازىم.

ھازىرىقى چاغدا «Asgardia» پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان كىشىلەر يىللىق پۇقرالىق بەدىلىنى خالىغان چاغدا تۆلىسە بولىدۇ.

2016يىلى 12ئۆكتەبىردىن 2018يىلى 1 - ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئالەم بوشلۇقى جۇمھۇرىيىتى «Asgardia» دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىسانە ياردەمدە بولغان پۇقرالاردىن 2019يىلىغىچە پۇقرالىق بەدىلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

پۇقرالىق بەدىلىنى تۆلەشنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ بولسا، پۇقرالىقى توڭلىتىپ قويىلىدۇ.

تۇنجى ئالەم بوشلۇقى دۆلىتى «Asgardia» ئەزەربەيجانلىق پەن تەتقىقات ئالىمى ئىگور ئاشۇربەيلى تەرىپىدىن 2016يىلى قۇرۇلغان ئىدى.

بۇ دۆلەتكە ئىسكاندىناۋىيە مېتوئولوگىيەسىدە قەيت قىلىنغان تەڭرى ئۇد ھۆكۈمرانلىقىدىكى «Asgard» دىن ئىلھام ئېلىپ، «Asgardia» دەپ ئىسىم قويۇلغان.

ئىيۇن ئېيىدا ئەزەربەيجانلىق پەن تەتقىقات ئالىمى ئاشۇربەيلى «Asgardia» دۆلىتىنىڭ رەسمىي پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى.

ئىنسانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۇنجى ئالەم بوشلۇقى جۇمھۇرىيىتى «Asgardia» دۆلىتىنىڭ يەر يۈزىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ئازاد، ئەركىن بىر مۇھىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. 

بۇ دۆلەتكە تۈركىيەدىن 40 مىڭ كىشى پۇقرالىققا ئۆتۈپ، تىزىملىكنىڭ ئالىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

تۈركىيەدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ پۇقرالىققا ئۆتۈپ نىسبىتى بويىچە ئامېرىكا ئىككىنچى، ھىندىستان ئۈچىنچى ۋە خىتاي تۆتىنجى بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر