نېتانياھۇ ئۇرۇش توختىتىش ۋە غەززەدىن چېكىنىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ 8 ئايدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە غەززەدىن چېكىنىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2144516
نېتانياھۇ ئۇرۇش توختىتىش ۋە غەززەدىن چېكىنىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش كابىنېتىنىڭ «ھاماس بىلەن مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈش ۋە غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى» ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان يىغىندىن ئىلگىرى، بېنيامىن نېتانياھۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيە ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنىڭ بۇ ھەپتە قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى 25-ماي (2024) دا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەمما ھاماس مۇرەسسەچىلەردىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

نېتانىياھۇنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك «ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى سىياسىي سەۋەبلەردىنلا تۈزمىگەن»  دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر