سەئۇدى ئەرەبىستاندا 45 نەپەر شاھزادە ۋە كارخانىچى ھازىرمۇ نازارەتتە تۇتۇلماقتا

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئالدىنقى يىلى باشلانغان چىرىكلىككە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، پايتەخت رىيادتىكى 5 يۇلتۇزلۇق «Ritz Carlton» مېھمانخانىسىدا نازارەتتە تۇتۇلغان شاھزادە ۋە كاخانىچىلاردىن 45 كىشى ھازىرمۇ نازارەتتە تۇتۇلماقتا.

1082470
سەئۇدى ئەرەبىستاندا 45 نەپەر شاھزادە ۋە كارخانىچى ھازىرمۇ نازارەتتە تۇتۇلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدە كېۋىن سۇللىۋان ۋە كەرىم فەھىم تەرىپىدىن يېزىلغان ماقىلىدا، ھېچ قانداق رەسمىي ئەيىبلەش بولماستىن ھازىرمۇ نازارەتتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 47 ياشلىق سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى تۈركىي ئەل فەيسەلگە كەڭ ئورۇن ئاجرىتىلدى. 

ماقالىدا، رىيادتىكى مېترو قۇرۇلۇشىدا چىرىكلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شاھزادە تۈركىي ئەل فەيسەلنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسى مايور گېنېرال ئەلى ئەل كاھتاتنىنىڭ نازارەتتە تۇتۇلۇش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىغانلىقى ۋە ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر تولۇق مەنىسى بىلەن ئىزاھلانمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇپەتتىشىنىڭ چىرىكلىككە قارشى ھەرىكەتلىرىدە يەنە، 106 مىليارد دوللار نەخ پۇل، مۇقىم مۈلۈكلەر، كارخانا، قىممەتلىك ھۆججەت ۋە ۋا باشقا مال مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلغانلىقى، جازالاش تەكشۈرۈشى ئاستىدىمۇ 56 كىشىنى نازارەتتە تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ماقالىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئالدىنقى ئاي «Bloomberg News» قانىلىدا، «نازارەتتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى سەككىز» دەپ بايانات بەرگەنلىكى، ئەمما ۋەقە ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە باشقا كىشىلەرنىڭ بولسا، ئەسلىدە نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كىشى سانىنىڭ 45 ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ مەخپىي تۇتۇلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ماقالىدا، ھەر قايسى مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىمۇ چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن بەزى كىشىلەرنىڭ رىيادنىڭ جەنۇبىدىكى بىخەرتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى «ئەل خەير» تۈرمىسىدە، يەنە بەزىلىرىنىڭ خۇسۇسىي ئۆيلەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئىشكەل تاقاش شەرت قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر