«تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا داخىل قىلىنماسلىقى خۇشاللىنارلىق ئىش»

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارلىرىغا تۈركىيەنى داخىل قىلماسلىقىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1080759
«تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا داخىل قىلىنماسلىقى خۇشاللىنارلىق ئىش»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆنمەز، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە، ئىرانغا يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولارغا ئالاقىدار باياناتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىنىستىر پومپېيونىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 دۆلەتكە قاراتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ياكى چەكلىمە قويۇشقا قارىتا باياناتى ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىشتۇر. دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ئېمبارگولىرى باشتىن تارتىپلا، تۈركىيەگە ئوخشىغان دۆلەتلەردە تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قارىتا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتاتتى. ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز، ھەم ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىمىز، ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردە، بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەنىدۇق، بىخەتەر  تەمىنلەش جەھەتتىن، تۈركىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سودىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنىدۇق. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا دائىرىلىرى بىزنىڭ تەلەپ ھەم پىكىرلىرىمىزگە قوشۇلغاندەك قىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى  رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشىدۇ، دەپ قارايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر