ئامېرىكا ئىرانغا قايتا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى قايتا يولغا قويغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ: «مۇشۇ بويىچە ئىراننىڭ نېفىتىنى نىشان قىلدۇق، ئىران بۇنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ» دېدى.

1048658
ئامېرىكا ئىرانغا قايتا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىككى ھالېي فوكس نىيۇس (Fox News) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە كۈنتەرتىپ ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران سىياسىتى توغرىسىدا توختالغاندا، ئىراننى تەنقىد قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئىران سۈرىيەنى ۋەيران قىلۋەتتى، ئىسىرائىلىيەگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئىران ئوتتۇرا شەرقتە ۋاكالەت ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىندۇق. چۈنكى ئىرانغا پۇل بېرەتتۇق ۋە بارلىق يامانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلاتتۇق. ئېمبارگولارنى قايتا يولغا قويدۇق. مۇشۇ بويىچە ئىران نېفىتىنى نىشانغا ئالىمىز، ئىران بۇنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ، ئىران قىيىنچىلىقنىڭ دەردىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ، ئاجىز ئورۇندا. ئىران بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى باشلىغىچە، تېررورلۇقنى قوللاشنى توختاتقىچە جازالايمىز.»

ئۇ سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش مەسىلىسىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى، رۇسىيەنى ۋە ئىراننى ئاگاھلاندۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشكە ئىككى قېتىم ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «بىزنى يەنە سىنىمىسۇن، چۈنكى ۋەزىيەت ئۇلارغا پايدىسىز» دېدى.

ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىش قارارى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مۇزاكىرە ئۈستىلىگە كەلمىسە، نېمە ئۈچۈن ۋاشىنگتوندا ئىشخانىسى بولغۇدەك؟ نېمە ئۈچۈن پەلەستىنلىكلەرگە داۋاملىق ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدىكەنمىز؟ ئەمما، بۇ قارار، بىزنىڭ تىنچلىق پىلانى ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. يول ئىزدەيمىز، ئۈستەلگە كېلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر