رۇسىيە ئىدلىب توغرىسىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختىلىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1043885
رۇسىيە ئىدلىب توغرىسىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىدلىبتىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ۋە ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىشلارنىڭ، رۇسىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بىراق، ئىدلىبقا باشلىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەت ئېھتىماللىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر